Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




ئەستىر 10:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى، بۈيۈك ئىش-ئىزلىرى ۋە موردىكاينى ئۆستۈرۈپ، مەرتىۋىگە ئىگە قىلغانلىقى مىدىيا ۋە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسىگە يېزىلغاندۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




ئەستىر 10:2
10 Iomraidhean Croise  

پادىشاھ سۇلايماننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى ۋە دانالىقى «پادىشاھ سۇلايماننىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.


پادىشاھ ياروبئامنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە قانداق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.


پادىشاھ ئاخابنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىل چىشىدىن بېزەلگەن ئوردىسى ۋە كېڭەيتىپ قۇرغان نۇرغۇن شەھەرلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەر «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.


تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، خادىغا سانجىلدى. بۇ ۋەقە ئىمپېرىيەنىڭ تەزكىرىسىگە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا يېزىپ قويۇلدى.


شۇ كۈنى كەچتە پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە، ئىمپېرىيەنىڭ تەزكىرىسىنى ئالدۇرۇپ ئوقۇتتى.


موردىكاي ئاق ۋە كۆك رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن سۆسۈن رەڭلىك يېپىنچا يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاج تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى.


پادىشاھ ھاموندىن تارتىۋېلىنغان مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى موردىكايغا بەردى. ئەستىر موردىكايغا ھاموننىڭ ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى.


چۈنكى موردىكاي ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق ئادەمگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى. ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ باراتتى.


ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى، ئوڭ قولۇڭ يۆلەپ، مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى بابىل پادىشاھلىقىغا قاراشلىق بابىل ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە بارلىق دانىشمەنلەرنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan