ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 5:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ. Faic an caibideil |
«تاماق قورساق ئۈچۈن، قورساق تاماق ئۈچۈن» دېگەنلىك توغرا. لېكىن بەزىلەر خۇددى شۇنىڭدەك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقمۇ تەن ئۈچۈندۇر، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. قورساق ۋە تاماق پەقەت بۇ دۇنيادىلا بولۇپ، خۇدا ھەر ئىككىلىسىنى يوقىتىدۇ. تېنىمىز بولسا ئۇ دۇنيادىمۇ بولىدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، تېنىمىز ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈندۇر. رەببىمىز بولسا تېنىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ.
نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن.