Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 خۇداغا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە ئەرشتىكى بارلىق روھىي بەختنى ئاتا قىلدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت 1:3
39 Iomraidhean Croise  

سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي!» دېدى. ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى.


سەن مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ»، _ دېدى.


كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى، ئاندىن پادىشاھقا تەزىم قىلدى.


يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، ماڭا بەخت ئاتا قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن. ماڭا يار بولۇپ، مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.


خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھەدىيەلەرنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇشتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشتى.


لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە مەۋجۇد بولغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، ئۇلۇغ نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر!


ياراتقۇچىدۇر خۇدا ئاسمان، زېمىننى، بەختىيار قىلغاي ئۇ سىئوندىن سىلەرنى.


نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.


مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى، پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى. ئامىن، ئامىن!


ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەممە ئەللەر بىلىدىغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تونۇلىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»


بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر.


شىمون ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇدى:


شۇ ۋاقىت كەلگەندە بىلىسىلەركى، مەن ئاتامدا بولىمەن، سىلەر مەندە بولىسىلەر، مەنمۇ ھەم سىلەردە بولىمەن.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن.


- ماڭا ئېسىلماڭ! چۈنكى، مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا ئېيتىڭ: «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلار بولغان ئاتامنىڭ، يەنى خۇدايىڭلار بولغان خۇدايىمنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقىمەن!» - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز بىر تەن بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپ تۇرىمىز


بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ۋە بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر.


سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


گەرچە بىزنىڭ تېنىمىزدىكى ئەزالار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىرلا تەننى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى نۇرغۇن ئېتىقادچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارمۇ بىرلا تەندۇر.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، يەنى بارلىق تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان رەھىمدىل ئاتىمىز خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي!


رەببىمىز ئەيسانىڭ ئاتىسى، مەڭگۈ مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان خۇداغا ئايانكى، يالغان ئېيتمىدىم.


بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ئىبراھىمغا ئوخشاش بەخت تاپىدۇ.


خۇدا بۇنى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشىغا قويىدۇ.


مەن شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسى، يەنى شانۇشەۋكەتلىك خۇدائاتىمىز مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرگە دانالىق ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تونۇتقاي!


بىز ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، بىزگە ئەرشتىكى تەختتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بەردى.


خۇدانىڭ مەقسىتى، بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەردىن شەكىللەنگەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىك دانالىقىنى ئاسماندىكى ھۆكۈمران ۋە ھوقۇقدار بولغان پەرىشتىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.


چۈنكى، بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز.


ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ.


بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.


شۇ سەۋەبتىن، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ نەرسىلەر مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئەرشتىكى نەرسىلەر بولسا بۇلاردىن كۆپ ياخشى قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ بىزگە چەكسىز رەھىمدىللىك كۆرسىتىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغۇلدۇرۇپ، ئۆچمەس بىر ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan