3 نادان ئادەم يول يۈرگەندىمۇ، ئەقىلسىزلىقىنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىنىڭ دۆتلۈكىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.
زېرەك بىلىمىگە تايىنىپ ئىش قىلار، ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار.
ئەخمەق قىزىقماس ئەقىل-ئىدراكقا، پەقەت قىزىقار ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتىشقا.
جېدەل چىقىرار ھاماقەتنىڭ تىلى، ئۆزىنى تاياققا تۇتۇپ بېرەر ئۇنىڭ ئاغزى.
ئادەمدە تەشۋىش كۆپ بولسا، يامان چۈشمۇ كۆپ بولىدۇ، سۆز كۆپ بولسا، نادانلىق ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.
خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئادەملەر ھازىر سىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش شەھۋانىي تۇرمۇشقا بېرىلمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە.