2 دانا ئادەمنىڭ يۈرىكى توغرا ئىشلارنى قىلىشقا، نادان ئادەمنىڭ يۈرىكى يامان ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ.
زېرەكنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى چۈشەنگەنلىكىدە، ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئالدامچىلىق قىلىشىدا.
بىلىم تارقىتار دانانىڭ تىلى، ئۇنىڭغا ئوخشىماس ئەقىلسىزنىڭ دىلى.
پۇلنىڭ نېمە پايدىسى ئەخمەقنىڭ قولىدىكى؟ سېتىۋالالامتى دانالىقنى؟ پەقەت يوق ئۇنىڭغا ئېرىشىش نىيىتى.
گاللاشقان پالتاڭنى بىلىمىسەڭ، تېخىمۇ كۆپ كۈچۈڭ كېتىدۇ، دانالىق ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
نادانلار ۋالاقلاپ توختىمايدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلمەيدۇ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ.
قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.
ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە تىرىلگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ئەرشتىكى ئىشلارغا ئىنتىلىڭلار. ئەيسا مەسىھ ئەرشتە خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ.