10 ئىنسان قانداق بىر نەرسىنى «قاراڭلار، بۇ يېڭىلىققۇ» دەپ ئېيتالار؟ ئەمەلىيەتتە، ھەممىسى ئەزەلدىنلا مەۋجۇت بولغان ئىشلار، يەنى بىزدىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان نەرسىلەردۇر.
ھېچكىم ئەسلىمەس ئۆتمۈشنى، كەلگۈسىدىمۇ كېيىنكىلەر ھېچنېمىنى ئەسلىمەس.
قايتىلىنار بۇرۇنقى ئىشلار، قايتا قىلىنار قىلىنىپ بولغان ئىشلار. شۇڭا يوقتۇر قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يېڭىلىقلار.
مەن يەنە دانالىق، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىق ھەققىدە ئويلاندىم. كېيىنكى پادىشاھلار بۇرۇنقىلار قىلغان ئىشلارنى تەكرارلاشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن؟
دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەقدىرى ئالدىن بەلگىلەنگەندۇر. ئىنساننىڭ تەقدىرىمۇ شۇنداق. ھېچقانداق ئادەم خۇدا بىلەن قارشىلىشالمايدۇ.
شاد-خۇرام بولۇڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان.
ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ: - ئەي، بوينى، يۈرىكى ۋە قۇلىقى قاتتىقلار! سىلەر خەتنە قىلىنمىغان كاپىرلارغا ئوخشاش جاھىل! سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا دائىم قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر!