Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




ھېكمەتلەر 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ ھېكمەتلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان يېرۇسالېم پادىشاھىنىڭ، يەنى ھېكمەت ئىگىسىنىڭ دۇردانە سۆزلىرىدۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




ھېكمەتلەر 1:1
13 Iomraidhean Croise  

سۇلايمان يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى.


شۇڭا سىز پەيغەمبەرلەر تىكلەپ، ئۇلار ئارقىلىق يېرۇسالېمدا ئۆزىڭىزنى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاتقۇدەكسىز. بۇ ئىش جەزمەن پېرسىيە پادىشاھىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا سىز كېلىپ، مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.»


زور جامائەت ئارىسىدا جاكارلىدىم ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن، يۇمۇۋالمايمەن ئاغزىمنى.


داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى:


ئۇنىڭ مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىگە لايىق تەرىپلەڭلار ئۇنى، شەھەر دەرۋازىلىرىدا ماختاشقا ئېرىشتۈرسۇن ئۇنى ئۇنىڭ ئەجىرلىرى!


ھېكمەت ئىگىسى بولغان مەن يېرۇسالېمدا ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى ئىدىم.


ھېكمەت ئىگىسى شۇنداق دەيدۇكى: «مەن يۈز بەرگەن ئىشلارنى قايتا-قايتا مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن دەرھال بۈيۈك نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى شەھەردىكىلەرگە جاكارلىغىن، _ دېدى.


خۇدا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان كىشىلەرنىمۇ ئاياپ قويمىدى. ئۇلار گۇناھقا بېرىلگەن بولغاچقا، خۇدا دۇنيانى كەلكۈن بىلەن غەرق قىلىپ، ئۇلارنى جازالىدى. خۇدا پەقەت شۇ زاماندىكى كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەتتە كىشىنى ساقلاپ قالدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan