3 پادىشاھ ئۇلارغا: _ مەن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈم كەيپىياتىمنى بۇزدى، مەن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلمەكچىمەن، _ دېدى.
ئۇلار: _ ئىككىمىز ئاخشام چۈش كۆردۇق. لېكىن چۈشىمىزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. يۈسۈپ ئۇلارغا: _ چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتى خۇدادىن كېلىدۇ. چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، _ دېدى.
پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم، لېكىن چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. ئاڭلىشىمچە سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.
تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.
پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى بىر چۈش كۆردى. چۈشى سەۋەبلىك كەيپىياتى بۇزۇلۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى.
بىر كۈنى كېچىدە قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەردىن شۇنداق قورقۇپ كەتتىم.