20 ئېراست كورىنت شەھىرىدە قالدى. تروفىم كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېت شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن كورىنت شەھىرىگە باردى.
ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇلى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەس كورىنتلىقلارمۇ پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ياردەمچىلىرىدىن تىموتىي بىلەن ئېراست ئىككىيلەننى ئۆزىنىڭ بېرىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە قالدى.
ئاندىن، يەنە يولغا چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئۈچىنچى كۈنى، ئەفەستىن ئۆتۈپ، ساموس ئارىلىغا كەلدۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتىسى كېمە بىلەن مىلېت شەھىرىگە باردۇق.
پاۋلۇس مىلېت شەھىرىدىن ئەفەسكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى يېتەكچىلىرىنى چاقىردى.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار، بېرىيالىق پىرۇس ئوغلى سوپاتېر، سالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىملار ئىدى.
(ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس ئەفەسلىك تروفىمنى پاۋلۇس بىلەن بىللە شەھەردە كۆرۈپ، پاۋلۇس ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىردى، دەپ خاتا ئويلىغانىدى.)
مەنكى پاۋلۇسقا ۋە ئۆز ئۆيىدە جەم بولىدىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراست ۋە قېرىندىشىمىز كۋارتلاردىن سىلەرگە سالام. }