19 مەندىن پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيت.
ئەگەر سىلەر دوستلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ باشقىلاردىن نېمە پەرقى؟ ھەتتا بۇتپەرەسلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!
پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى.
پاۋلۇس ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىلانى ئۇچراتتى. ئۇلار رىملىق كلاۋدىيۇس پادىشاھنىڭ پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى بۇيرۇقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيىدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ،
ئاپوللوس ئىبادەتخانىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلاۋاتقانلاردىن پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈردى.
بۇ يەردىكى، يەنى ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا بىلەن ئايالى پرىسكىلا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتچىلىك سىلەرگە رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سەمىمىي سالام يوللىدى.