11 يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەل. ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا ياردەمچى بولىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىك كېسىلىنى داۋالايمەن، ئۇلارنى چەكسىز سۆيىمەن، ئۇلارغا بولغان غەزىپىم بېسىلدى.
لېكىن شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقىلار بولىدۇ، نۇرغۇن ئاخىرقىلار ئالدىنقى قاتارغا چىقىدۇ.
دېمەك، ئاخىرقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئالدىنقىلار بولىدۇ، ئالدىنقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئاخىرقىلار بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، كەينىدىكىلەر ئالدىغا ئۆتۈپ، ئالدىدىكىلەر كەينىدە قالىدۇ.
پېترۇس بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى.
بارنابا بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ كەتتى.
بارنابا ماقۇل كۆرۈپ، يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى.
پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ ئىش يۈزىسىدىن قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئاخىر بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارنابا ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى.
پاۋلۇس بۇ ئالامەتنى كۆرگەندىن كېيىن، بىز دەرھال ماكېدونىيىگە بېرىشقا تەييارلاندۇق. چۈنكى، خۇدانىڭ بىزنى ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقىنى چۈشەنگەنىدۇق.
مەن بىلەن بىللە زىنداندا يېتىۋاتقان بۇرادىرىم ئارىستارخۇس، شۇنداقلا بارنابانىڭ جىيەنى ماركۇستىن سىلەرگە سالام. (ئەگەر ماركۇس يېنىڭلارغا بېرىپ قالسا، ئۇنى تاپىلىغىنىمدەك كۈتۈۋېلىڭلار.)
قەدىرلىك تېۋىپ لۇقا ۋە دېماسمۇ سىلەرگە سالام ئېيتتى.
ئاڭلىغىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكىبۇ يەردىكى ئاسىيا ئۆلكىسى ھازىرقى تۇركىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنى تاشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېل ۋە ئېرموگېنمۇ بار.
ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى يۇقىرىقى يامان ئىشلاردىن پاك تۇتسا، ئۇ خۇددى ئالاھىدە سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش قاچىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇ پاك بولىدۇ ھەمدە خوجايىنىغا، يەنى خۇداغا ياراملىق كىشى بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ.
خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام.
سىلەر بىلەن بىللە خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان بابىلدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن ۋە خۇدا يولىدىكى ئوغلۇم ماركۇستىن سىلەرگە سالام.