تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى. Faic an caibideil |
پاۋلۇس ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇدا ئۈچ دەم ئېلىش كۈنى ئۇ يەردە جەم بولغان كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاندىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. - مەن سىلەرگە جاكارلىغان ھەزرىتى ئەيسا دەل قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ ئۆزى! - دېدى ئۇ.
ئۇ بارلىق خەتلىرىدە بۇ ئىشلار ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى جايلار بار. خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمى ئاز ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، ئۇنىڭ خەتلىرىدىكى چۈشىنىش تەس بولغان جايلارنىمۇ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغانلار ئۆزىگە ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.