Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 لېكىن، سەن ھازىرغىچە ئۆگىنىپ كەلگەن ۋە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھەقىقەتتە داۋاملىق چىڭ تۇر. چۈنكى، بۇ ھەقىقەتنى ئىشەنچلىك كىشىلەردىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3:14
12 Iomraidhean Croise  

چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


بەزىلەر مەلۇم كۈنلەرنى باشقا كۈنلەردىن مۇھىم دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. بۇ ئىشتا ھەركىم ئۆز ۋىجدانى بويىچە قارار چىقارسۇن.


مېنىڭ بۇنداق ئىشلىشىم سىلەرنىڭ ئىچ-ئىچىڭلاردىن رىغبەتلىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۆزئارا باغلىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا، ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشتىن كەلگەن تولۇق ئىشەنچكە ئېرىشىپ، خۇدا ئاشكارىلىغان سىرنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيسىلەر.


سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنى بىز سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرەت بىلەن، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىمىز بىلەن سىلەرگە يەتكۈزدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى سىلەر بىلىسىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن ئىدى.


خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.


ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىل ھەمدە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ.


ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشاپ، مەندىن ئاڭلىغان ھەقىقىي تەلىملەرنى نىزام قىلىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇر.


سەن مەندىن ئۆگەنگەن تەلىملەرنى كۆپ ئېتىقادچىلار ئاڭلىغان ۋە بۇ تەلىملەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەن. ئەمدى بۇ تەلىملەرنى ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغا تەلىم بېرەلەيدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزگىن.


سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى.


ئۇ ئۆزىگە ئۆگىتىلگەن ئىشەنچلىك تەلىمدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ بۇ توغرا تەلىم ئارقىلىق باشقىلارغا نەسىھەت قىلالايدۇ ھەم تەلىمگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتەلەيدۇ.


مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان.


پۈتۈن ئۈمىدىڭلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمىز.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan