12 ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، خۇداغا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە باغلىغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.
كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!
مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، ئاقىللار ۋە دىنىي ئۆلىمالارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرىسىلەر، كرېستكە مىخلايسىلەر، بەزىلىرىنى ئىبادەتخانىلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر.
بۇ دۇنيادا زىيانكەشلىككە ئۇچراش بىلەن بىرگە يۈز ھەسسىلەپ ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالا-چاقا ۋە يەر-زېمىنلارغا ئېرىشىدۇ. كېلىدىغان دۇنيادىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
سىلەر ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىسىلەر ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتلەر كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.
بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!
سۆزلىرىڭنى يەتكۈزدۈم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلەندى، چۈنكى مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر.
ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ئەگەر پەقەت بۈگۈنكى ھايات ئۈچۈنلا ئەيسا مەسىھكە ئۈمىد باغلىغان بولساق، ئۇ چاغدا بىز بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىچارە كىشىلەردىنمۇ بىچارە بولۇپ قالغان بولىمىز.
بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.
قوغلىنىۋاتىمىز، ھالبۇكى خۇدا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلمىدۇق. يىقىتىلدۇقيۇ، ئەمما يوقىتىلمىدۇق.
بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق بولغاندا، بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.
ئوخشىمايدىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان كىشى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىزنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمىنى قوبۇل قىلمىغان بولىدۇ.
خۇدانىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن تىتۇسقا سالام. مەن خۇدا تاللىغانلارغا ئېتىقاد يولىنى كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە تەيىنلەندىم.
بۇ مېھىر-شەپقەت بىزنى گۇناھكارلىقنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ پانىي دۇنيادا توغرا، خۇداغا ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ياشاشقا يېتەكلەيدۇ.
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ پەرۋەردىگار بىزگە بەرىكەت بەردى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بىر پارچىلا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؟ _ دەپ سورىدى.
لېكىن، ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! باشقىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماڭلار ۋە ئەنسىرەپ كەتمەڭلار.
ھەممە نەرسە مانا شۇنداق يوقىلىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ سىلەر پاك ياشاپ، خۇدا يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك.
ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ، تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى.
- تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.