تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10-11 لېكىن، سەن مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، ھاياتلىق نىشانىم، ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم ھەمدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكىم ۋە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە دىققەت-ئېتىبارىڭنى قارىتىپ كەلدىڭ. بولۇپمۇ ئانتاكيا، كونيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىمدىن ھەمدە رەببىمىزنىڭ مېنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىڭ بار. Faic an caibideil |
سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنى بىز سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرەت بىلەن، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىمىز بىلەن سىلەرگە يەتكۈزدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى سىلەر بىلىسىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن ئىدى.