تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى25 رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. Faic an caibideil |
ئەلچىلەر بۇ سۆز بويىچە تاڭ ئاتقاندا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەلچىلەرنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى ئالىي كېڭەشمىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا چاقىردى. ئاندىن، زىنداندىكى ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.
بىرى قېرىندىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان. لېكىن، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغۇدەك گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن.