تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى. Faic an caibideil |
بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن خۇرسەنلىككە چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن. شۇنداق ئاتا، سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭ ئەنە شۇ ئىدى.
خۇدا ئۇنىڭغا: «چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنىدى. چۈنكى، بىر ئاتىدىن بولغان بۇ قوشكېزەكلەر، يەنى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تېخى تۇغۇلمىغان، دېمەك ئۇلار بىرەر ياخشى ياكى يامان ئىشمۇ قىلماستا، خۇدا ئاللىقاچان ئۇلاردىن بىرنى تاللىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خۇدانىڭ ئادەملەرنى تاللىشى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىيىتىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە، يەنى ئۆز چاقىرىقىغا ئاساسلانغان.
سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.