تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 سېنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىڭ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىدە ۋە ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان ئېتىقادنىڭ ئەمدى سەندىمۇ بار ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىمەن. Faic an caibideil |
ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..