سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 2:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، ئاخىر زاماندا خۇداغا قارشى چوڭ توپىلاڭ يۈز بەرمىگۈچە ۋە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى، يەنى «خۇداغا قارشى چىققۇچى» ئاشكارىلانمىغۇچە، بۇ كۈن يېتىپ كەلمەيدۇ. Faic an caibideil |
سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.