سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. Faic an caibideil |
مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.»
«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.