سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 9:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 _ سائۇل جەمەتىدىن بىرەر ئادەم قالغاندۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسەتكۈم بار، _ دېدى پادىشاھ. _ يوناتاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھاياتتۇر، لېكىن ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپتۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا. Faic an caibideil |
سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى مېيىپ بولغان مىفىبوشەت ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. سائۇل بىلەن يوناتان قازا قىلغاندا، ئۇ بەش ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يىزرىئەلدىن يېتىپ كەلگەندە، ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقانىدى. ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقاندا، ئالدىراپ قاچقاچقا، بالا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، مېيىپ بولۇپ قالغانىدى.