Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بىر كۈنى داۋۇت ناتان پەيغەمبەرگە: _ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 7:2
24 Iomraidhean Croise  

ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىدۇر. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىمۇ دالادا تۇرۇۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيۈمگە قايتىپ، يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىرگە بولاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، _ دېدى.


پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن.


تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئەلچىلەر بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنىمۇ يوللىدى. ئۇلار داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بەردى.


ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.


ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى.


باتشەبا پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ناتان پەيغەمبەر كەلدى.


ئەمما روھانىي زادوق، ياساۋۇللار باشلىقى بولغان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمئى، رېئى ۋە داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ھېچكىم ئادونىيانى قوللىمىدى.


ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا، ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىدىغان ۋەزىر ئىدى. يەنە بىر ئوغلى زابۇد روھانىي ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.


ئاتام داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتى بار ئىدى.


تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، تاشچىلار ۋە ياغاچچىلارنىمۇ ئەۋەتتى.


ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.


ئۇ سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى ئويلىغانىدىم.


پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.


(داۋۇت بۇرۇن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىمدىن يېرۇسالېمدىكى ئۆزى ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن تەييارلىغان چېدىرغا يۆتكەپ ئەكەلدۈرگەنىدى.)


پادىشاھ خىزكىيا لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھ داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەنىدى.


پادىشاھ سۇلايماننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ناتان پەيغەمبەرنىڭ تەزكىرىسى، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتنامىسى ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئىددونىڭ «نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ھەققىدىكى ۋەھىينامىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.


قەسەم ئىچىپ پەرۋەردىگارغا، ئۇ مۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا:


تاكى تەييار قىلمىغۇچە ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك خۇداسى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش جايىنى.»


ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويدى. ئۇنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن پەردىنى ئاستى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.


«ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرۇۋاتسا، سىلەرنىڭ ھازىر ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ؟


بۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى زەبۇردا يېزىلغان بۇ سۆزنى ئېسىگە ئېلىشتى: «ئى خۇدا! سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىن مۇھەببىتىم خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۆزىدۇر.»


پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ، يەنى ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىجازەت سورىغان.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan