12 ئۇلار قىلىچ ئاستىدا قازا قىلغان سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن كۈن پاتقۇچە ماتەم تۇتۇشۇپ، يىغا-زار قىلىشىپ، روزا تۇتۇشتى.
ئۇلار داۋۇتنى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى ئازراق غىزا يېۋېلىشقا ئۈندىدى. لېكىن داۋۇت قەسەم قىلىپ: _ ئەگەر مەن كۈن پاتقۇچە ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سالسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.
رەقىبىڭ يىقىلغاندا خۇشال بولما، پۇتلاشقىنىدا ئىچ-ئىچىڭدىن شادلانما.
بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.
چوڭ قەدەھلەردە شاراب ئىچىپ، ئەڭ ئېسىل مايلارنى ئۆزۈڭلارغا سۈرتىسىلەر. ئەمما سىلەر ئۆز خەلقىڭلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەيسىلەر.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.
مەن قاچان ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلمىدىم؟! شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ، ئېزىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئىچىم قاچان ئۆرتەلمىدى؟!
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىڭلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇڭلار.
ئاندىن ئۇلار سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ، يابېشتىكى چوڭ بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۆلدى.