Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالالمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجىسىنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكىنى سىلىگە تەقدىم قىلىشقا ئېلىپ كەلدىم، _ دېدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم 1:10
10 Iomraidhean Croise  

داۋۇت: _ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆزۈڭنىڭ بېشىغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى.


ئۇ ماڭا: «ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ ياققا كەل، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، جېنىم چىقماي بەك قىينىلىپ كەتتىم» دېدى.


ئۇ شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ ئالتۇن تاجىنى ئېلىپ، بېشىغا كىيدى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 35 كىلو بولۇپ، ياقۇت بىلەن بېزەلگەنىدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى.


باش روھانىي يىھويادا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق چاۋاك چېلىشىپ، «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.


شەرەپ تاجى يوق ئەمدى بېشىمىزدا، چۈنكى بىز گۇناھ قىلدۇق، ۋاي ئەمدى ھالىمىزغا!


چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.


ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.


جان تالىشىۋاتقان ئابىمەلەك دەرھال قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلۈپتۇ» دېيىلمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.


بۇ چاغدا پادىشاھ دوئېگقا: _ سەن بېرىپ، روھانىيلارنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. شۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىغان 85 روھانىينى ئۆزى يالغۇز ئۆلتۈردى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan