پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 خۇدا يەنىلا ئۆز ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭمىغانلارنىڭ سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىنى بەلگىلىدى. شۇڭا، ئاسمان بىلەن زېمىن تا شۇ كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ. Faic an caibideil |
سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى.
سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.