Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 لېكىن، خۇدا بۇ ئىككى شەھەردىكى كىشىلەرنى جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شەھۋانىيلىقلىرىدىن يىرگەنگەن ھەم توغرا يولدا ماڭغان لۇتنى قۇتقۇزغانىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:7
14 Iomraidhean Croise  

سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.


لېكىن لۇت يەنىلا ئارىسالدى بولۇپ تۇراتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا رەھىمى كەلدى، شۇڭا ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتنى، ئايالىنى ۋە ئىككى قىزىنى يېتىلەپ، شەھەردىن چىقىرىپ قويدى.


تېز قاچقىن، سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغۇچە، سودومنى ۋەيران قىلمايمەن! بۇ شەھەر شۇنىڭدىن كېيىن زوئار [مەنىسى «كىچىك»] دەپ ئاتالدى.


بىراق خۇدا لۇت ياشىغان شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانىدى.


ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: _ بۈگۈن كەچتە سىلەرنىڭ ئۆيگە چۈشكەن كىشىلەر قېنى؟ ئۇلارنى ئېلىپ چىق! بىز ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچىمىز، _ دېدى.


ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.


ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولدى، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قارشى ئېيتقان مۇقەددەس سۆزلىرىدىن مەن خۇددى شارابنى كۆپ ئىچىۋالغان مەستتەك گاڭگىراپ قالدىم.


سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.


چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ.


نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر سەۋەبىدىن ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ خاتا تەلىمىگە ئەگىشىپ، مۇستەھكەم مەيدانىڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار.


بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan