16 ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن خۇدا ئۇنى ئەيىبلىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئېشىكىنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بۇ «پەيغەمبەر»~نىڭ قىلماقچى بولغان ئەخمەقلەرچە ئىشىنى توسىدى.
گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى، كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى. بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى. سېلاھ
مەن چۈشىنىشكە پۈتۈن زېھنىمنى بېرىپ، دانالىقنى ئىزدەپ تاپماقچى ۋە بارلىق ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولدۇم. مەن يەنە رەزىللىكنىڭ شۇنچىلىك نادانلىق، ئەخمەقلىقنىڭ شۇنچىلىك تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم.
قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ.
جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.
ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادىكى بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەمىمىيەتسىز بولساڭلار، خۇدا قانداقمۇ جەننەتتىكى ھەقىقىي بايلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلسۇن؟
مەن ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا ئۇلارنى ئىزدەپ، كۆپ قېتىم ئۇلارنى جازالىتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاشقا تىرىشقانىدىم. مەن ئۇلارغا شۇ قەدەر ئۆچ ئىدىمكى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەردىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان.