Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 2:1
73 Iomraidhean Croise  

شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.


ئۇلارغا دەھشەت ۋەھىمە چۈشەر. ئى پەرۋەردىگار، قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە ئۇلار ئالدىدىن، تېڭىرقاپ تۇرۇشۇپ قالار كۆرگىنىدە زور قۇدرىتىڭنى.


ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا، ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا قولايانىڭ ئوغلى ئاخاب ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى زىدقىيا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلتۈرىدۇ.


«بابىل پادىشاھى سىلەرگە ۋە بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلمايدۇ» دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار ھازىر قېنى؟


ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.


يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.


پەيغەمبەرلەر خۇدانىڭ ئىسرائىلىيە خەلقى ئۈچۈن ئەۋەتكەن كۆزەتچىلىرىدۇر. لېكىن ئۇلار قەيەرگە بارسا، شۇ يەردە ئۇلارنىڭ يولىغا تۇزاق قۇرۇلدى. ئۇلار خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىككە دۇچار بولدى.


ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ.


شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەر پەقەت قارنىڭلارنى تويدۇرغانلار ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيسىلەر، قارنىڭلارنى تويدۇرمىغانلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر.


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


بىراق، كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلارنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا رەت قىلىمەن.


نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ.


چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.


- ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.


چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


بىراق، كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلار خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ رەت قىلىنىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار.


خالايىق سىلەرنى ماختىغاندا، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.


بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.


ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن مۇشۇنداق بولغاندا، زادى كىمنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


چۈنكى، ئۇ سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار.


خۇدا ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن سىلەرنى گۇناھنىڭ ئىلكىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى. شۇڭا، ئەمدى سىلەر خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قۇل بولماڭلار.


بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار قىياپىتىگە كىرىۋالغان بەزىلەر ئۇنىڭ خەتنە قىلدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئارىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەركىنلىكىمىزنى نازارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇل قىلىشتۇر.


ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.


مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ھېلىقى ئادەملەر سىلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا تىرىشماقتا. ئۇلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار سىلەرنى بىزدىن ئايرىۋېتىپ، ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى.


بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق،


ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى گۇناھلىرىمىز بەدىلىگە تۆكۈلگەچكە، بىز گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق. گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. بۇ، خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى.


شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.


ئەي بىلىمسىز، نادانلار، مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسىلەر پەرۋەردىگارغا؟ ئۇ سىلەرنى ياراتقان ئاتاڭلارغۇ؟ سىلەرنى بىر خەلق قىلدىغۇ؟


بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ.


ساختا كەمتەرلىك قىلىشقا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشقا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلاردا ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. ئۇلار ساختا، غايىبانە ئالامەتلەرگە ئېسىلىشىۋېلىپ، ھەر خىل خام خىياللاردا بولۇپ، ئاساسسىز تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ.


ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن كەلگەن.


بىر كىشى ئۆز تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىمىسا، ئۇ ئەيسا مەسىھتىن تانغان دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئېتىقادسىزلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ.


چۈنكى، شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدىكى توغرا تەلىملەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. بەلكى، ئۇلار قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەلىم بەرگۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ.


مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماقتا.


شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئېتىقادچىلار ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق پەيدا قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇر. بىر-ئىككى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن يەنە گۇرۇھۋازلىق قىلسا، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنىگەن، گۇناھكار ئادەملەر ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ئۆزلىرىنى جازاغا مەھكۇم قىلىدۇ.


ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىسا، ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھنى ھاقارەت قىلسا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟!


سىلەر بۇرۇن ئەيسا مەسىھنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار. ھازىر ئۇنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىسىلەر. شۇڭا، قەلبىڭلار تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز شاد-خۇراملىققا چۆمدى.


ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.


سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۇم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى.


ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، گۇناھقا پاتقان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خۇدانى مازاق قىلىدىغانلار چىقىدۇ» دېگەنىدى.


بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.


ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان كارامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنى ئازدۇردى. ئۇلارغا قىلىچ بىلەن چېپىلغان، لېكىن ئامان قالغان بىرىنچى دىۋىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر ھەيكەل تىكلەشنى بۇيرۇدى.


سېنىڭ شەيتاننىڭ تەختى ئورۇنلاشقان يەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمغا سادىق بولۇپ كەلدىڭ. ھەتتا ئاراڭدىكى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىم ئانتىپا مۇشۇ شەيتاننىڭ ماكانىدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭنى ئىنكار قىلمىدىڭ.


سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر.


سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. كۈچۈڭ ئاجىز بولسىمۇ، تەلىمىمگە ئەمەل قىلدىڭ ۋە نامىمنى ئىنكار قىلمىدىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan