پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن. Faic an caibideil |
سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى.
ئىسرائىللار گىلگالدا قارارگاھ قۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىلىسەن.