پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت 1:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 بىز ئەلچىلەر سىلەرگە ئۇقتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە قايتا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقمىدۇق. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنمىز. Faic an caibideil |
ئەيسا مەسىھ مېنى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ناتىقلىق قىلىپ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. ئەگەر مەن بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتسەم، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.
ئۇلارغا ئەپسانىلەر ۋە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان نەسەبنامىلەر بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى بۇيرۇغىن. بۇلار پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئېتىقاد بىلەن قىلىنىدىغان خۇدا يولىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا پايدىسىز بولىدۇ. خۇدا يولىدا مېڭىش پەقەت ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.