Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت 1:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشايدىغان بىزلەرگە مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت 1:3
9 Iomraidhean Croise  

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»


مەن بۇ خەتنى ھەممىڭلارغا، يەنى خۇدا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇ مۇقەددەس خەلقىم، دەپ چاقىرغان سىلەر رىملىقلارغا يېزىۋاتىمەن. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.


رەببىمىز ماڭا مول مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھتىن كېلىدىغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇردى.


ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشاپ، مەندىن ئاڭلىغان ھەقىقىي تەلىملەرنى نىزام قىلىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇر.


ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ خۇداغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆز ئوغلىنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتتى.


خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرنى سۆيىمەن. سىلەرنى يالغۇز مەنلا ئەمەس، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan