تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 بىر كىشى ئۆز تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىمىسا، ئۇ ئەيسا مەسىھتىن تانغان دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئېتىقادسىزلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ. Faic an caibideil |
بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ.
بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.