Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى بولمىغۇچە، جامائەتچىلىكنىڭ يېتەكچىسى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 5:19
14 Iomraidhean Croise  

لېكىن ئاڭلىمىسا، سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر-ئىككى كىشىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. ھەممە ئىشتا ئىككى-ئۈچ ئادەم گۇۋاھچى بولسۇن.


شۇڭا، ۋالىي پىلاتۇس تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئىش توغرۇلۇق ئەرز قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى.


سىلەر رىئايە قىلىدىغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى گۇۋاھچىنىڭ سۆزى ئوخشاش چىقسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى توغرا» دەپ يېزىلغان.


ئۇلار بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، توپلىغان ئىئانىلىرىنى بارنابا ۋە سائۇل ئارقىلىق يەھۇدىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.


مەن ئۇلارغا، رىملىقلارنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.


بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنى جازالاش توغرا كەلسە، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ھەرقانداق ئەرزنىڭ راست-يالغانلىقى ئاز دېگەندە ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىسپاتلىنىشى كېرەك» دېگەن ئايەت بويىچە قىلىمەن.


لېكىن سىلەر بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئاندىن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرسەڭلار بولىدۇ.


_ بىر ئادەمنىڭ جىنايەت ياكى گۇناھ سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىغا بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەنلا ھۆكۈم قىلماڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار.


مۇقەددەس روھ ساڭا ئاتا قىلغان قابىلىيەتكە بىپەرۋالىق قىلما. بۇ قابىلىيەت خۇدانىڭ ۋەھىيسى ۋە جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرىنىڭ قوللىرىنىڭ ئۇچاڭغا تېگىشى ئارقىلىق ساڭا بېرىلگەن.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ياخشى باشقۇرىدىغان يېتەكچىلەر، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەن كىشىلەر چوقۇم چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا لايىق ھەق ئېلىشى كېرەك.


يېتەكچىلىككە تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز، ئايالىغا سادىق بولغان، پەرزەنتلىرى بولسا خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان، كەيپ-ساپادىن نېرى بولغان ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك.


تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسىلا، كەڭچىلىك قىلىنماي ئۆلتۈرۈلەتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan