5 چۈنكى، ھەممە نەرسە خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن خۇدا يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەنە كېچە ۋە كۈندۈز ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.
شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: - تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ» دەپ يېزىلغان، - دېدى.
چۈنكى، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان ھەمراھى ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئېرى ياكى ئايالى ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھى خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنىلا پاك بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، ئەمەلىيەتتە پاكتۇر.
بۇ يالغانچىلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلىدىغانلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان.
پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە ھالالدۇر. لېكىن، ناپاك كىشىلەر ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە ھالال ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن.
بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يارىتىلغانلىقىنى، بىز كۆرەلەيدىغان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغاندىن بەرپا بولمىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز.