Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 «ئەگەر بىر كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ ياخشى بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:1
19 Iomraidhean Croise  

ھاياتلىق دەرىخىدۇر ھەققانىينىڭ مېۋىسى، ئاقىلدۇر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتقۇچى.


مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.


پېترۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - زەبۇردا پادىشاھ داۋۇتنىڭ يەھۇداغا قارىتىلغان مۇنۇ سۆزلىرى بار: «ئۇنىڭ ئۆيى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچكىم ئولتۇرمىسۇن!» ۋە «ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى باشقا بىر كىشى ئۈستىگە ئالسۇن!»


ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!


ئەمدى يەھۇدىي ئەمەس بولغان سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، سىلەرگە ئەلچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ ۋەزىپەمنى ئۇلۇغ ھېسابلايمەن.


ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنى خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق تىموتىيدىن، فىلىپى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان مۇقەددەس خەلققە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە سالام.


قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار.


«ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇچىغا چىققان گۇناھكار بولىمەن.


بۇ سۆزلەر ھەقتۇر ۋە پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ.


تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاياتتا بىللە ياشايمىز.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولغان بۇنداق كىشى خۇدانىڭ خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئەيىبسىز بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز تەرسا، چۇس مىجەز، ھاراقكەش، زوراۋان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولماسلىقى،


بۇ سۆزلىرىم ھەقتۇر. ئۇلارنى تەكىتلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى دائىم تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلايدۇ. بۇ تەلىملەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر.


دىققەت قىلىڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن. سىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە كۆپچىلىكنى زەھەرلەيدىغان، ئاداۋەتنىڭ گىياھى ئاراڭلاردا يىلتىز تارتمىسۇن.


چۈنكى، بۇرۇن سىلەر يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشايتتىڭلار، لېكىن ھازىر ئۆزۈڭلارنى قوغدايدىغان قويچىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.


ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن.


قويچى قويلىرىغا ياخشى قارىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇدا سىلەرگە ئامانەت قىلغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار. بۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە رازىمەنلىك بىلەن قىلىڭلار؛ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، قىزغىنلىق بىلەن قىلىڭلار.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan