4 خۇدا پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىنى خالايدۇ.
ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»
ئۇ ھامان ئۆزى چەككەن جەبىر-جاپالارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، ئەي چاڭقىغانلار، سۇ ئىچىۋېلىڭلار، كېلىڭلار، ئەي يوقسۇللار، نەرسە ئېلىپ يەڭلەر، مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق سورايمەنكى، ئەجەبا، رەزىللەر ئۆلسە، مەن خۇرسەن بولارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇناھلىق يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالىمايمەنمۇ؟
مەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھالاك بولۇشىدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلمايمەن. توۋا قىلىڭلار، ھايات قالىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەزىللەرنىڭ ھالاكىتىدىن خۇرسەن بولمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالايمەن. ئەي ئىسرائىل خەلقى، يېنىڭلار، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىلەر؟
خۇددى دېڭىز سۇغا تولغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى بىلىمگە تولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن ئىنسانلارغا خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار.
ئۇنىڭ خەلقىگە: ˜گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنىپ قۇتقۇزۇلىسىلەر!Œ دەپ ئۇقتۇرىسەن.
«يېزىدىكى چوڭ-كىچىك ئارقا كوچىلارنى ئارىلاپ، تاپقان ئادىمىڭنى زورلاپ ئەكېلىپ ئۆيۈمنى تولدۇر!
«گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە تارقىتىلىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.
ئۇلارنى ھەقىقىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقتۇر.
خۇدائاتام ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن.
بۇنىڭ بىلەن، بەلكىم خۇش خەۋەرنى رەت قىلغان جانجىگەرلىرىم ئىسرائىللارنىڭ ھەسەت ئوتلىرىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتقۇزۇلۇش يولىغا باشلىيالارمەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە كۈرەش قىلىۋاتىمىز. چۈنكى، ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى - مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق.
رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ.
خۇدانىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن تىتۇسقا سالام. مەن خۇدا تاللىغانلارغا ئېتىقاد يولىنى كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە تەيىنلەندىم.
سەۋەبى، خۇدانىڭ بارلىق ئىنسانلارنى قۇتقۇزىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى.
ھەقىقەتنى تونۇپ تۇرۇپ، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق يوقتۇر.
لېكىن، قەلبىڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولسا، ئەقىل-پاراسەتلىكمەن، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، يالغان سۆزلەپ، ھەقىقەتنى يوققا چىقارغان بولىسىلەر.
رەببىمىز ھەرگىزمۇ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆزىنىڭ قايتا كېلىشى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى كېچىكتۈرگىنى يوق. بەلكى، ئۇ سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن تېخى قايتا كەلمىدى. خۇدا ھېچكىمنىڭ مەڭگۈ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ.
خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرنى سۆيىمەن. سىلەرنى يالغۇز مەنلا ئەمەس، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ.
بۇنىڭ كەينىدىن، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. بۇ پەرىشتە يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، يەنى ھەربىر خەلق، قەبىلە ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى.