Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق بولغاندا، بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:2
22 Iomraidhean Croise  

بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغان بۇ شەھەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى.


شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.


ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.


ئى خۇدا، پادىشاھقا ئاتا قىلغىن ئادالىتىڭنى، بەرگىن شاھنىڭ ئوغلىغا ھەققانىيىتىڭنى.


ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما، پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما.


سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەڭلار ۋە شۇ شەھەر ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەپ، دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ شەھەر گۈللەنسە، سىلەرمۇ گۈللىنىسىلەر.›


ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.


شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، خۇداغا ئىخلاسمەن، دۇرۇس بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى.


- بىزنى رىملىق يۈزبېشى كورنىلىي ئەۋەتتى. ئۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان دۇرۇس ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر. خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس پەرىشتىسى ئۇنىڭغا، سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشنى بۇيرۇغان! - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.


شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا تىرىشىمەن.


ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار.


قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.


سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرۈشكە، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇشقا ۋە ئىككى بىلىكىڭلارغا تايىنىپ ياشاشقا تىرىشىڭلار.


كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan