13 چۈنكى، ئاۋۋال ئادەم~ئاتا، كېيىن ھاۋا~ئانا يارىتىلغان.
شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىنساننى ئۆز شەكلىدە، يەنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.
كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ھەمراھ يارىتاي» دېدى.
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىدىن بىر ئايال ياراتتى ۋە ئۇنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ئادەمنى ياراتتى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ھاياتلىققا ئېرىشتى.
كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى: «ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.»
ئادەم ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولاتتى.