Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:2
18 Iomraidhean Croise  

مەن بۇ خەتنى ھەممىڭلارغا، يەنى خۇدا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇ مۇقەددەس خەلقىم، دەپ چاقىرغان سىلەر رىملىقلارغا يېزىۋاتىمەن. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىدى.


ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن.


ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ تەلىملەرنى ياخشى ساقلا. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلان.


ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول.


خۇدائاتىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان ئورتاق ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ياشانغان ئەرلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېسىل پەزىلەتلىك، سالماقلىق، ئېتىقادتا ساپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سەۋر-تاقىتى تولۇپ تاشقان بولۇشقا چاقىرغىن.


يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. كرىت ئارىلىدىكى بىزنى سۆيىدىغان ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيت. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!


خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشايدىغان بىزلەرگە مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


مەن ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر.


خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ رەھىمدىللىك، ئامانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغاي!


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan