Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 «ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇچىغا چىققان گۇناھكار بولىمەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:15
41 Iomraidhean Croise  

شۇڭا مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، توپا ۋە كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇرۇپ توۋا قىلىمەن.»


سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.


- بۇ سەبىيلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتام خۇدانىڭ جامالىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ.


ئىنسانئوغلى ئازغان ئادەملەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدى.


ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


مۇقەددەس يازمىلاردا: «مەن قۇربانلىق قىلىشىڭلارنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىڭلارنى ئىستەيمەن» دېيىلگەن. سىلەر بېرىپ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، - دېدى.


بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، - دېدى.


پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غوتۇلدىشىپ: - بۇ ئادەم نېمىشقا دائىم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ؟ - دېيىشتى.


ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم، - دەپ جاۋاب بەردى.


شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى بەردى.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتمايمەن، چۈنكى مەن ئىنسانلارنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم.


خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ.


ئەلچىلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى باشقا ئېتىقادچىلار بەزى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى.


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ھەربىرىڭلارنى يامان يوللىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ھەزرىتى ئەيسانى تىكلەپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى.


بۇنىڭ بىلەن، بەلكىم خۇش خەۋەرنى رەت قىلغان جانجىگەرلىرىم ئىسرائىللارنىڭ ھەسەت ئوتلىرىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتقۇزۇلۇش يولىغا باشلىيالارمەن.


بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.


مەن ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس ئەلچىمەن ھەمدە خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەلچى دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسمەن.


مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.


مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم.


ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇر. بەزىلەر پاك ۋىجدانىنى بىر ياققا قايرىپ قويدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلغان كېمىگە ئوخشاش ۋەيران بولدى.


«ئەگەر بىر كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ ياخشى بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر.


بۇ سۆزلەر ھەقتۇر ۋە پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ.


ھەممىگە ھاياتلىق بەرگۈچى خۇدانىڭ، شۇنداقلا پونتىي پىلاتۇسقا يۈرەكلىك ھالدا ئۇلۇغ ھەقىقەت توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى،


تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاياتتا بىللە ياشايمىز.


بۇ سۆزلىرىم ھەقتۇر. ئۇلارنى تەكىتلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى دائىم تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلايدۇ. بۇ تەلىملەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر.


شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.


ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر.


بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى.


بۇ چاغدا، تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «مانا، ھەممىنى يېڭىلايمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر» دېدى.


پەرىشتە ماڭا: - بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ روھىغا ئىلھام بەرگەن پەرۋەردىگار خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، - دېدى.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan