سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 ئەمەلىيەتتە، خۇدا بىزنى لايىق كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى بىزگە تاپشۇردى. بىز خۇش خەۋەرنى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قەلبىمىزنى كۆزىتىۋاتقان خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن يەتكۈزۈۋاتىمىز. Faic an caibideil |
كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!