سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. Faic an caibideil |
سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنى بىز سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرەت بىلەن، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىمىز بىلەن سىلەرگە يەتكۈزدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى سىلەر بىلىسىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن ئىدى.
ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.