سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە. Faic an caibideil |
شۇنىڭ بىلەن شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورققانىدى.