Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمىز.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:2
10 Iomraidhean Croise  

خۇداغا شۈكۈر! گەرچە سىلەر بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغان بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەركىن قىلىنىپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە بەرگەن تەلىمگە چىن دىلىڭلاردىن بويسۇندۇڭلار.


سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن.


بىز سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا، ھەمىشە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمىز.


خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.


سىلەر ئۈچۈن خۇشاللىققا چۆمدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا بىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالايمىز!


قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.


قەدىرلىك فىلىمۇن، دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan