2 تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ بولسا ئابىيا ئىدى ۋە ئىككىلىسى بەئەرشەبا شەھىرىدە خىزمەت قىلاتتى.
ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە بەئەرشەباغا قايتتى. ئىبراھىم داۋاملىق شۇ يەردە ياشاپ قالدى.
ياقۇپ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
ئىلياس بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كەتتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، جېنىنى ئېلىپ قاچتى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى بەئەرشەباغا كېلىپ، خىزمەتكارىنى شۇ يەردە قالدۇردى.
شاللۇمنىڭ ئوغلى خىلقىيا، خىلقىيانىڭ ئوغلى ئازاريا،
سامۇئىلنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا ئىدى.
كوراھ يىزھارنىڭ ئوغلى، يىزھار قوھاتنىڭ ئوغلى، قوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ، يەنى ياقۇپنىڭ ئوغلىدۇر.
لېكىن بەيتەلگە بارماڭلار! گىلگالغىمۇ بېرىپ يۈرمەڭلار! بەئەرشەباغىمۇ چۈشمەڭلار! چۈنكى گىلگال خەلقى چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىدۇ، بەيتەل يوقىلىدۇ.»