Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 7:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 7:3
40 Iomraidhean Croise  

بۇ چاغدا ياقۇپ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقانلارغا: _ سىلەر بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، پاكىز كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار.


سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىدى. ئۇ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.


ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ يۇرتىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا، يەنى سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا،


مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، مەن سىلەرنى بارلىق دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىمەن».


بۇنىڭدىن باشقا، پادىشاھ يوشىيا ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بەيتەلدە ياساتقان غەيرىي سەجدىگاھىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋەيران قىلدى، يەنى سەجدىگاھنى كۆيدۈرۈپ، كۈل قىلدى. ئۇ يەنە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى.


ھازىردىن باشلاپ سىلەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سېلىشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇداغا تەۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويالايسىلەر.


ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ.


لېكىن سىز بۇرۇن خۇداغا چىن قەلبىڭىز بىلەن ئىنتىلىپ، يەھۇدىيەدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوق قىلىپ، ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلغانىكەنسىز.


بىراق سەجدىگاھلارنى يوقىتىۋېتەلمىدى. خەلق يەنىلا ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا چىن قەلبىدىن ئەگەشمىدى.


كۆڭۈلدىكى ئوي-پىكىرلەر ئىنساندىندۇر، ئۇنىڭ توغرا جاۋاب بېرىشى خۇدانىڭ ئىلھامىدىندۇر.


رەزىل ئادەملەر رەزىللىك قىلىشتىن توختىسۇن، گۇناھكار ئادەملەر يامان نىيەتلىرىدىن يانسۇن، ئۇلار پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يولىغا قايتسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ يولىغا قايتسۇن، ئەپۇچان خۇدايىمىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ.


مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان قەلب ئاتا قىلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، شۇنداقلا مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. چۈنكى ئۇلار چىن يۈرىكى بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ.


بەلكىم يەھۇدىيە خەلقى مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ قايتىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرىنى كەچۈرىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىللار، ئەگەر مېنىڭ يولۇمغا قايتماقچى بولساڭلار، سىلەر چوقۇم بۇ يىرگىنچلىك بۇتلارنى كۆزۈمدىن يوقىتىشىڭلار ۋە قايتا مېنىڭ يولۇمدىن ئەسلا ئازماسلىقىڭلار كېرەك.


شۇڭا ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «توۋا قىلىڭلار، بۇتلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.


سىلەر بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىق ئىشلىرىڭلاردىن قول ئۈزۈپ، قەلبىڭلارنى ۋە روھىڭلارنى يېڭىلاڭلار. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ھالاك بولۇشنى خالامسىلەر؟


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى.


«بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلبى مەندىن يىراق.


- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.


ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.


ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: - تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن.


خۇدا - روھتۇر. ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەك.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پەقەت ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلىڭلار.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئەگىشىڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىڭلار ۋە سادىق بولۇڭلار.


لېكىن سىلەر ئۇ يەردە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، يالغۇز ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىڭلار.


ۋە يەنە گىلئاد زېمىنىنىڭ يېرىمى ۋە باشان زېمىنىدىكى ئوگ پادىشاھنىڭ پايتەختى بولغان ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېرىمىغا جەمەت بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن.


يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار!


يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە: _ شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئاراڭلاردىكى بارلىق يات خەلقلەرنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سادىق بولۇڭلار، _ دەپ خىتاب قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇنداقلا ئاررام، سىدون، موئاب، ئاممون ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.


كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندى.


ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئاشتورەتنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، جەسىتىنى بەيتشانى شەھىرىنىڭ سېپىلىغا مىخلاپ قويدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan