Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 7:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇزاق ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل قىريات-يىئارىم شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن ئىسرائىللار ھەسرەت ئىچىدە پەرۋەردىگارغا ئىنتىزار بولۇپ تۇردى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 7:2
13 Iomraidhean Croise  

شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى.


(شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان يەنە بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇ بولسا قىريات-يىئارىمدىن كەلگەن شىمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىدى. ئۇمۇ يەرەمىياغا ئوخشاش بۇ شەھەر ۋە زېمىنغا قارشى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزگەنىدى.


ئەمما سىلەر چوقۇم گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىشىڭلار كېرەك. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار. سىلەر ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا ئۆزۈڭلارنى يات بۇتلارغا بېغىشلاپ، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن. پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن. چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن، ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.»


قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ.


ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندا، ئىسرائىللار ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كەتتى،


شۇنىڭدىن كېيىن قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ، كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىگە سېلىنغان ئابىنادابنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلىسۇن دەپ، ئۇلار ئابىنادابنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى پاكلاپ، شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.


سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئىلاھە ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan