3 پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىدىكى چىراغ تېخىچە يېنىپ تۇراتتى. سامۇئىلمۇ ئىبادەتگاھتا ياتاتتى، ئەھدە ساندۇقىمۇ شۇ يەردە ئىدى.
ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتىمىز، لېكىن سىلەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.
ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى، ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى: «ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە، تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.»
ياڭرىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى، يالىڭاچلىنار ئورمانلار جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى. «ئاجايىپ ئۇلۇغدۇر خۇدا» دەپ ۋارقىرىشار، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغانلار.
شۇنداق، مەن كىرىمەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە، چەكسىز، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ماڭا. سەجدە قىلىمەن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭدا، ئىخلاسىم باردۇر ساڭا.
_ ئۇلار ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىسۇن. چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، تارماق شاخلىرى ۋە گۈل نۇسخىسىدىكى چىراغ تەكچىلىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلسۇن.
ھاننانى پەرۋەردىگار تۇغماس قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، كۈندىشى پىنىننا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بېرىپ، خاپا قىلاتتى.
ئۇلار شىلودىكى ۋاقتىدا، بىر كۈنى غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھاننا ئورنىدىن تۇرۇپ، دۇئا قىلىشقا چىقتى. ئۇ چاغدا روھانىي ئەلى ئىبادەتگاھ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى سۇپىدا ئولتۇراتتى. ھاننانىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم ئىدى، شۇڭا ئۇ زار-زار يىغلىغان ھالدا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.