Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بالا سامۇئىل روھانىي ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلاتتى. ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي ۋە غايىبانە ئالامەتلەر كەمدىن كەم كېلەتتى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 3:1
11 Iomraidhean Croise  

كارامەتلىرىڭ غايىب بولدى ئارىمىزدىن، پەيغەمبەرمۇ كەتتى يىراق يېنىمىزدىن. قاچانغىچە داۋام قىلار بۇ ئىشلار-ھە، ھېچكىم بىلمەس بۇنى ئەگەر سوراپ باقساڭ ھەممىسىدىن.


خەلق تىزگىنسىز قالار، بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى، بەختلىك بولار ئۇنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى.


ئىنسانلار زېمىندا ئازىيىپ، ئالتۇندىنمۇ تەستە تېپىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئادەملەرنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنلىرىدەك ئازايتىۋېتىمەن.


ئاپەت ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ، شۇم خەۋەر ئۈزلۈكسىز تارقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر. ئۇلار روھانىيلاردىن تەلىم، ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت ئالالمايدۇ.


كېيىن ئەلقانالار راماھقا قايتىپ كەتتى. لېكىن بالا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن روھانىي ئەلىنىڭ ھۇزۇرىدا قالدى.


ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ.


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ھايات قالغانلار بىر كۈمۈش تەڭگە ياكى بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇلارغا: ‹ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا بىرەر روھانىيلىق خىزمىتىنى بەرسىڭىز، يېمەك-ئىچمىكىم ھەل بولسۇن› دەپ يالۋۇرۇپ، تەزىم قىلىدۇ.»


سامۇئىل تاڭ ئاتقۇچە ئورنىدا يېتىپ، ئاندىن تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئۇ بۇ ۋەھىينى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى.


پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan