Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئابىشاي داۋۇتقا: _ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 26:8
16 Iomraidhean Croise  

مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھ داۋۇتقا: _ نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىتنىڭ سىلىنى ھاقارەتلىشىگە يول قويىمىز؟ مەن بېرىپ، ئۇ بىر نېمىنىڭ كاللىسىنى ئالاي، _ دېدى.


مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا.


كېيىن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان مىزپاھتىكى گىداليا بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ، مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى ئۆلتۈرۈشۈمگە ئىجازەت بېرىڭ. كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. بولمىسا ئۇ سىزنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئەتراپىڭىزغا يىغىلغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر تارقىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قالغان يەھۇدىيە خەلقىمۇ تۈگەيدۇ.


ئەي نىنەۋىلىكلەر، نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرىسىلەر؟ ئۇ سىلەرنى شۇنچىلىك خانىۋەيران قىلىدۇكى، ئۇنىڭ يەنە سىلەرنى خانىۋەيران قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.


چۈنكى، خۇدا رەھىم-شەپقىتىنى پۈتكۈل ئىنسانغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى، يەنى يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىكە قويۇۋەتتى.


ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا، بىر ئادەم قانداقمۇ مىڭلىغان ئادەمنى، ئىككى ئادەم قانداقمۇ تۈمەنلىگەن ئادەمنى چېچىۋېتەلىسۇن؟


پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە پۈتۈن زېمىنغا ئامانلىق بەردى. ھېچقانداق بىر دۈشمەن ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى.


داۋۇت چۆلدە، تاغلاردا، يەنى زىف چۆلىدىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ تۇردى. سائۇل داۋۇتنى ھەر كۈنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ داۋۇتنى تۇتۇۋېلىشىغا يول قويمىدى.


داۋۇتنىڭ ئادەملىرى: _ پەرۋەردىگار سىزگە: «دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل» دېگەنىدى، قاراڭ، مانا بۈگۈن شۇ پەيت كەلدى! _ دېدى داۋۇتقا. داۋۇت ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، سائۇلنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىدىن تۇيدۇرماي بىر پارچە كېسىۋالدى،


بىراق داۋۇت بۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن كۆڭلىدە ئۆزىنى ئەيىبلىدى.


پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلىنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ.


شۇ كۈنى كېچىسى داۋۇت بىلەن ئابىشاي ئىككىسى بارگاھقا بېرىپ، سائۇلنىڭ بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى، بېشىنىڭ يېنىدا نەيزىسىنىڭ يەرگە سانجىقلىق تۇرغانلىقىنى، ئابنېر بىلەن لەشكەرلەرنىڭ ئۇنىڭ چۆرىسىدە ياتقانلىقىنى كۆردى.


داۋۇت ئابىشايغا: _ ياق، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى بولما! پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزگەن كىشى گۇناھكار بولىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan